كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق ئامىللار

rabigul 2018-05-15 16:12:21

\

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى سەيشەنبە (5-ئاينىڭ15-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىپ يۇقىرى ئۆرلىدى، نۆۋەتتە كۈمۈش باھاسى 200 سائەتلىك ئوتتۇرچە سىزىقتا تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچراۋاتىدۇ؛ ئاساسلىقى دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ھەمدە بازاردا خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن، بۇ ھەپتە كۈمۈش باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى بىر قەدەر ئاجىز بولىشى مۇمكىن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، كۈمۈش باھاسى يەنىلا ئۈچ بۇرجەكلىك دائىرە ئىچىدە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى كەچلىك بازارنىڭ ئاساسلىق يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ.

كۈمۈش باھاسىنىڭ يۇقىرى توسالغۇ نۇقتىسى 16.63 دوللار ئەتراپىغا يېقىنلاشتى، ئەگەر بۇ توسالغۇ نۇقتىسىدىن ئېشىپ كەتسە 16.82 دوللار ۋە 17 دوللار ئەتراپىغا چىقىشى مۇمكىن. تۆۋەنلەش جەھەتتە، كۈمۈش باھاسى 16.42 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرىدى، ئەگەر بۇ تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كەتسە كېيىنكى تىرەش نۇقتىسى 16.33 دوللار ۋە 16.10 دوللار ئەتراپىدىكى باھالارنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق ئامىللار:

1. تىرامىپ ئىران يادرو كېلىشىمى پەيدا قىلغان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇراقسىزلىقىنى بىكار قىلىشى كۈمۈش باھاسىغا تىرەش كۈچى بولدى.

2. گەرچە OPEC نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نېفىت بازىرىدىكى جىددىي ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىشى كۈمۈش باھاسىغا تىرەش كۈچى بولدى؛

3. پېڭبو ئانالىزچىسى Eily Ong بىر پارچە دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، تېخىمۇ كۈچلۈك سانائەت ئېھتىياجىنى، شۇنىڭدەك جۇڭگودا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان ئوتتۇرا ھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ كۈمۈش ئېھتىياجى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇدا 3 ئاي تۆۋەنلىگەندىن سىرت، كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلەش قەدىمىنىڭ ئالتۇندىن ئېشىپ كېتىشىدە ئۈمىد بار.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.