كەلگۈسىدە كۈمۈشنىڭ ئاساسىي يۈزى تېخىمۇ پارلاق بولدۇ

rabigul 2018-04-23 16:12:41

\

مونترېئال بانكىسى كاپىتال بازىرى(BMO Capital Markets) مۇنداق دېدى، يورۇقلۇق ۋولت ئېھتىياجى كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە يىلدا كۈمۈشنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئاساسى يۈزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن.

يېقىندا كۈمۈش يۈزلىنىشى ئادەمنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، يۇقىرى مۆلچەر تېخى رېئاللىققا ئايلانمىدى.

لېكىن مونترېئال بانكىسى دوكلاتىدا ئالتۇن - كۈمۈش نىسبىتى ئەڭ ئاخىرىدا 60 گىچە چۈشىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىدى، بۇ كۈمۈشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالتۇندىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

" بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە، كۈمۈش دۇچ كەلگەن خىرىس بولسا سانائەت ئېھتىياجى تۆۋەنلىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىشى بولۇپ، بۇ باشقا ئاساسىي قىممەتلىك مېتاللاردا سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى.

" لېكىن سۈرەتكە ئېلىش ئېھتىياجىنىڭ كەمچىل بولىشى يورۇقلۇق ۋولتىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىكى ئېشىشى تەرىپىدىن تولدۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا كۈمۈشنىڭ ئاساسىي يۈزى تېخىمۇ پارلاق بولدۇ."

رەقەملىك سۈرەتكە تارتىش ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، رەسىم سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندى، ئەمما فوتو سۈرەت لېنتىسى شاللاش كۈمۈش ئېھتىياجىدا زور زەربە پەيدا قىلدى. لېكىن ئېنېرگىيە ساھەسى دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك يورۇقلۇق ۋولتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

بانكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كۈمۈش كان مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا ئۈچ يىل تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2015 - يىلدىكى يۇقىرى قىممەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا % 10 ئازايغان.

بۇ بانكا يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى، كۈمۈش ئالتۇننىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز.

" قىممەتلىك مېتاللارغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنىڭ ماكرولۇق قوزغىتىش ماھىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا،كۈمۈشنىڭ يۈزلىنىشى كەلگۈسىدە ئالتۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە ئامالسىز. لېكىن يورۇقلۇق ۋولت كۈمۈش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىنىشىدىكى كۆرۈنەرلىك ئېھتىياج قوزغاتقۇچى بولۇپ قالىدى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.