ئالتۇن باھاسى ۋە كۈمۈش باھاسىدا " پارتلاش خاراكتېرلىك ئۆرلەش" يۈز بېرىشى مۇمكىن

rabigul 2018-04-13 12:20:36

\

4-ئاينىڭ 12-كۈنى goldswitzerland تور بېتىدە مۇنداق دېيىلدى، كەلگۈسىدە دوللار بىلەن باشقا پۇللار بىرلىكتە تۆۋەنلىشى مۇمكىن، لېكىن ئالتۇن باھاسى ۋە كۈمۈش باھاسىنىڭ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدا ئۈمىد بار.

مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى Matterhorn Asset Management AG نىڭ قۇرغۇچىسى Egon von Greyerz ئەڭ يېڭى ماقالىسىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىئىنەزەرنى يېزىپ چىققان.

1. پاي چېكى بازىرى ئاللىقاچان ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ بولدى؛

2. كەلگۈسىدە دوللار بىلەن باشقا پۇللار بىرلىكتە تۆۋەنلەيدۇ؛

3. ئۇزاق مۇددەت ئىچىدە ئۆسۈم نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ؛

4. ئالتۇن پاي بىلەن كۈمۈش پاي " ئەقىل يەتمەيدىغان" سەۋىيىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا قىممەتلىك مېتاللار كانچىلىق پاي چېكى سېتىۋېلىشى كېرەك.

5. نەق مال ئالتۇن باھاسى ۋە نەخ مال كۈمۈش باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەشكە تەييارلىنىپ بولدى.

Egon von Greyerz نىڭ يۇقىرىدىكى نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ كېيىنكى نىشانى 80 دىكى ئۆتكەل.

Egon von Greyerz يەنە ماقالىسىدە، ئالتۇن باھاسى بىلەن كۈمۈش باھاسى ھازىر بۆسۈش ھاسىل قىلىش ھالىتىدە بولۇپ، يېڭى يۇقىرى نۇقتا شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بايلىق ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا بانكىدا ساقلاش سىستېمىسى سىرتىدا ماددىي بۇيۇم ئالتۇن ۋە كۈمۈش ساقلاش. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بايلىقنىڭ ھەر خىل زور خېيىم-خەتەر تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئامال يوق.

ئەمەلىيەتتە، Egon von Greyerz ئاينىڭ بېشىدىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئالتۇن باھاسى 33،750 دوللار ئۆرلىشى مۇمكىن، ھەم كۈمۈش باھاسى چوڭ دائىرىدە 575 دوللار يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن؛ بۇنىڭدىن سىرت، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا دوللارنىڭ چوڭ دائىرىدە قىممىتى تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

ئۇ King World News زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن، دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ بەربات بولۇشىغا ئەگىشىپ، قەغەز پۇل مۈلكى ۋە قەغەز پۇل بىر پۇڭغا ئەرزىمەيدۇ؛ ئەمما ئالتۇن باھاسى كۈمۈش باھاسىنىڭ چوڭ دائىرىدە قىممىتى ئۆرلەيدۇ.

Egon von Greyerz ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن، بىر نەچچە يىل تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى ۋە كۈمۈش باھاسىدا " پارتلاش خاراكتېرلىك ئۆرلەش" يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ھازىر نۇرغۇن ئاپپاراتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى، دوللار بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، دوللار قىممىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ تېخىمۇ ئۆرلىشىدە ئۈمىد بار.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.