ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى

parida 2018-02-06 12:17:50

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پايچېكى زور دەرىجىدە كاساتلاشقاچقا ھەمدە 6 يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش يەككە كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتىنى ياراتقان بولغاچقا بازارنىڭ ۋەھىمە كەيپىياتى كۈچەيدى، نەتىجىدە سەيشەنبە كۈنى (2-ئاينىڭ 6-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا خەلقئارا نەق كۈمۈش باھاسى %1 ئۆرلىدى، ئەڭ يۇقىرى باھا 16.98 دوللارغا چىقتى. سەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ سودا ھېساباتى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ۋە فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىگە شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا پايچېكىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەيدىغان ياكى تۆۋەنلىمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.
يېقىنقى مەزگىلدە كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
1. مىننىئاپولېس فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Neel Kashkari دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىش ھەققى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىنى يىتەرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2. دۈشەنبە كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈمۈش ئىسكىلاتى ETF--iShares SilverTrust دىكى كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن 35.19 توننا ئاشقان، نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان كۈمۈشنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 9767.91 توننا ئىكەن؛
3. تىرامپنىڭ رۇسيە بىلەن بولغان «خۇسۇسىي ئالاقە»سىنى تەكشۈرۈش تېخىمۇ جىددىي باسقۇچقا قەدەم قويدى؛
4. ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1-ئايلىق ISM ياسىمىچىلىق كۆرسەتكۈچى 59.1 بولۇپ مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولغان؛
كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
1. دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەيرىي ياسىمىچىلىق كەسپى 1-ئايلىق PMI كۆرسەتكۈچى يەنى سېتىۋىلىش دېرىكتورلىرى كۆرسەتكۈچى %59.9 بولۇپ مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولغان، بۇ دوللار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان؛
2. ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ يېڭى رەئىسى پاۋىل ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈنى فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ئېشىشى ۋە مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛
3. ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستېرلىقى ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى 200 مىڭ كىشى ئاشقان بولۇپ، بازارنىڭ مۆلچەرىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان، ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.1 بولۇپ، 2000-يىلى 12-ئايدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىنى ياراتقان؛
4. سان فرانسېسكو فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى John Williams ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئاكتىپ بولغان پۇل پاخاللىقى سېگنالى ئۇنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتىشنى قوللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى؛
5.داللاس فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Robert Kaplan مۇ ئالدىنقى جۈمە كۈنى بۇيىل ئۈچ قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا يەنە 2018-يىلى ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى، GDP نىڭ %2.75~%2.5 كىچە ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.