كۈمۈش باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى سەۋەب

rabigul 2018-02-05 18:29:33

\

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 16.70دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى؛ جۈمە كۈنى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى كۈچلۈك چىققان، بولۇپمۇ ئىش ھەققى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2009-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئېشىش نىسبىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلگۈچىلىرى ئارقىدىنلا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلغان، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە دوللار قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى؛ شۇ سەۋەبتىن كۈمۈش باھاسى 3% ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، تۆۋەن باھا 16.52 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا ISM مۇلازىمەت كەسپى ۋە PMI قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئىپادىسى.

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كۈمۈش باھاسىنىڭ 200 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ تۆۋەنكى تەرپىدە تەۋرىنۋاتقانلىقىنى كۈزدە تۇتقاندا، ئومۇمىي يۈزلىنىشى چۈشۈشكە مايلراق بولۇپ، قىسقا مۇددەتلىك تۆۋەنلەش خەۋپ - خەتىرى كۈچلۈك؛ ئەگەر چۈشتىن كېيىنكى بازاردا 16.50 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە كېيىنكى تىرەش نۇقتىسى 16.30 دوللار ۋە 16 دوللار؛ يۇقىرىقى توسالغۇ نۇقتىسى 17 دوللار.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.