كۈمۈش باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىگە قايتتى

ilkan_yasinjan 2017-11-21 16:21:07
بىرىنچى كۈمۈش تورى11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ،بۈگۈن ( 11-ئاينىڭ21-كۈنى ) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا كېيىن كۈمۈش باھاسى ئۆرلەش يۈزلىنىشتە تەۋرەندى ،نۆۋەتتە كۈمۈش باھاسى 16.94 دوللار ئەتىراپىدا .ئۆرلەش نىسبىتى %0.4 بولدى. دۈشەنبە كۈنى گېرمانىيە سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇش سەۋەبىدىن ، ياۋرو تۆكمە قىلىپ سېتىشقا ئۇچرىدى ،بۇ دوللارنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بۇلۇپ ، كۈمۈش باھاسى چۈشۈش بېسىمغا ئۇچراپ چۈشتى. بىز ئازدىن كېيىن مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە رازىمەنكى قايتىدىن سايلام قىلشنى خالىمايمەن، ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى قۇرۇشنىمۇ خالىمايمەن ، شۇنىڭ بىلەن كۈمۈش چۈشۈش نىسبىتى كېڭەيتىپ چوڭ دائىرىدە چۈشتى. ئۇندىن باشقا بۇنىڭدىن بۇرۇن كۈمۈش باھاسى ئۆرلەشكە تىرەك بولىۋاتقان « روسىيە بلەن ئالاقىلىشش » بوران - چاپقۇنى ۋاقتىنچە پەسىيىش ئالامەتلىرى بار . كۈمۈش بازىرى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ، جۈمە كۈنىدىكى بارلىق ئۆسۈش ھالىتىدىن چوشۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 16.85 دىكى تىرەك ئۆتكەلدىنمۇ چۈشۈپ كەتتى ، كۈمۈش باھاسى تار دائىرىلىك تەۋرىنىش ۋەزىيىتىنى قايتىدىن باشلىدى.

\


نۆۋەتتە كۈمۈش باھاسى تىرەك بولۋاتىغان تىرەك نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئامىل ئاساسلىقى باج - ھەق ئىسلاھاتى ئېنىقسىز ئىستىقبالى ۋە ئامېرىكا بىلەن چاۋشىيەن كەلتۈرۈپ چىقارغان مالىمانچىلىق خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى كۆتۈرۈلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە سىياسىي ۋەزىيىتىدە بولغان داۋالغۇش خەۋپىتىن ساقلاش كەيپىياتىنى ئىلگىرى سۇرىدى،

باج - ھەق ئىسلاھاتى يەنە توسقۇنلۇق ئۇچرىدى ، ئالدىدىكى يول ئىنتايىن جاپالىق

ئامېرىكا باج - ھەق ئىسلاھاتى جەھەتتە بىر يېڭى خەۋەر ،ئامېرىكا ئاق ساراي خامچوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما ۋانىكورو مۇنۇلارنى بىلدۈردى :زۇڭتۇڭ تىرامىپ ۋاز كېچىڭ، ئوبامانىڭ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىق داۋالاش سوغۇرتىسنىى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، باج - ھەق ئىسلاھاتى تەكلىپ نىزامى كىرگۈزۈلگەن.

\

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسى ئوبامانىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىق داۋالاش سۇغۇرتىسى باج - ھەق ئىسلاھاتى قانۇن لايىھىسى ئىچىدىكى « بىكار قىلىش بۇيرۇقى » باج - ھەق ئىسلاھاتى قانۇن لايىھىسى ماقۇللنىشدىكى بىر چوڭ توسالغۇ دەپ قارالغان.گەرچە تىرامىپنىڭ باج - ھەق ئىسلاھاتى جەھەتتە ئالدىغا ئازراق ئىلگىرلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاتتىق پوزىتسىيىسىى ئاز - تولا پەسەيدى ، لېكىن باج - ھەق ئىسلاھاتى ئىستىقبالى جەھەتتە يەنىلا بىر قەدەر چوڭ مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت .

INTL FCStone ئانالىزچىسى Edward سىتوڭ مۇنداق دېدى : ئەگەر باج - ھەق ئىسلاھاتى مۇساپىسى بىردىنلا توختاپ قالسا، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى مۆلچەرلىنىشىچە بىر قېتىم جىددىي تۈزىتىش قىلىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈمۈش باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئامېرىكا چاۋشيەنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت قىلىپ بېكىتتى

تىرامىپ دۈشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى ؛ئۇ چاۋشيەنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت قىلىپ بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن سىرتنىڭ جازالشغا دۇچ كەلدى.ھەمدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى كېلەر ھەپتىنىڭ ئىككىسى ( 11-ئاينىڭ21-كۈنى ) چاۋشيەنگە قارىتا يەنىمۇ ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ، ھەمدە بۇ تەدبىرلەر «كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت» قىلىدۇ. بۇ ئىش ھېچ بولمىغاندا سىمۋوللۇق ھالدا كۈچىيىپ ، ئامېرىكا ۋە چاۋشيەن پيوڭياڭدىكى يادرو قورالى ۋە قىتئەلەر ئارا ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد پىلانى سەۋەبىدىن جىددىي تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى .

\

ئۇندىن باشقا، دۈشەنبە كۈنى كورېيە جاسۇسلۇق ئورگىنى ئاشكارلىشىچە ، چاۋشيەن بۇ يىل تەتقىق قىلىپ چىققىنى ئامېرىكا زېمىنىغا يېتىپ بارالايدىغان قىتئەلەر ئارا ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد ، نۆۋەتتە مەزكۇر ئورگان ھازىر ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ، چاۋشيەن ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى پائال كۈچىيىپ ، بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى كۆتۈردى ، بۇ كۈمۈش قاتارلىق خەتەردىن ساقلىنىش مۈلۈكنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدۇ.

بۈگۈن دىققەت قىلىدىغان ئۇچۇرلار

08:30 ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى 11 - ئايدا پۇل سىياسىتى يىغىن مۇھىم خاتىرىسى ئېلان قىلىدۇ

15:00 شۋېتسارىيە 10 - ئايدا سودا ھېساباتى

19:00 ئەنگلىيە 11 - ئايدا سانائەت زاكاز تالونى پەرق قىممىتى

21:30 كانادا 9 - ئايدا توپ سېتىش ئايلىق نىسبىتى

23:00 ئامېرىكىنىڭ 10 - ئايدا پۈتكەن ئۆي سېتىش ئومۇمىي سانىنىڭ دەۋرى نىسبىتى


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.