كۈمۈش باھاسىنىڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقىش سەۋەبى

mukaram 2017-11-21 15:49:00

1 - كۈمۈش تورى خەۋىرى 11-ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى « باج ئىسلاھاتى » ۋە « روسىيە بىلەن بولغان ئالاقە » دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خەۋەر ئىلگىرى بازارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ، ئامېرىكا دوللىرى ئۇدا تۆۋەنلەپ ، نەق مال كۈمۈش باھاسى تار دائىرىلىك تەۋرىنىش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ بىراقلا يۇقىرى 17.37 دوللارغا چىققان ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا چۈشۈپ ، تىرەش نوقتىسىغا تەگكەندىن كىيىن قايتا ئۆرلىگەن ، مۆلچەرچە قىسقا مۇددەتلىك يەنە تەڭشەش ئىلىپ بىرىلىدىكەن .

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئالدىن كۆرەرلىك

مۇشۇ پەيشەنبە بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 11 - ئايدىكى پۇل سىياسىتى يىغىن مۇھىم خاتىرىسىنى كۈتىۋالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە كۈنى سائەت 7:00 دە يېلېن نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلىدۇ ، گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇشى « تاختىغا مىخ قاققان»دەك ئىش بولسىمۇ ، بىراق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىككى چوڭ ئامىلنىڭ تەسىرىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ .

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېن ئاشكارا يىغىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش تولۇق ئىشەنچىسى بارلىقىنى بىلدۈردى ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچى ئىزچىل تۆۋەن بولسىمۇ ، لېكىن مۆلچەرلىنىشىچە بۇ قېتىمقى ئۆسۈم قوشۇشنىڭ جىق تەسىرى بولمايدىكەن .

بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى : كېيىنكى قېتىمقى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئەندىشە قىلىنغاچقا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشماسلىقى مۇمكىن ئىكەن . فرانسىيە گۈللىنىش بانكىسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ بىقىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن .

\


جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز بولۇشى كۈمۈش باھاسىغا تېرەك بولدى

« روسىيە بىلەن بولغان ئالاقە » ئامېرىكا دوللىرىغا چوڭ بىر زەربە بولدى . چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە تەپتىش ئەمەلدارى مېل ( MOELLER ) ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدىن «روسىيە بىلەن بولغان ئالاقە» گە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىل ئاللىقاچان ترامىپ ئەترىتىدىكىلەرنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەنىكەن ، ئىشلىتىش نامۇۋاپىق ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش كاشىلىغا يولۇققان . بۇ بازارنىڭ ترامىپ ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىغا نىسبەتەن گۇمان پەيدا بولغان ، بۇنىڭ بىلەن خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ئىشىپ كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئورۇنغا چىققان .


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.