كۈمۈش مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلىدى

ilkan_yasinjan 2017-11-15 20:12:08
بىرىنچى كۈمۈش تورى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى بۈگۈنكى ياۋروپا بازىرىدا ، كۈمۈش باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ئاساس قىلىدى، ھازىرى باھا 17.01 ئەتراپىدا تەۋرنىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە كۈمۈش باھاسى 17.04 ئەتىراپىدا بۇلۇپ ، ئۆسۈش نسىبتى 0.32% بولدى.

پايدىلىق خەۋەر :كۈمۈش مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلىدى

كۈمۈش باھاسىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا ،ئۆتكەن بەش يىل ، 10 يىل ، 20 يىل ، ھالىتىگە قارىغاندا كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلەپ كېتىشى كۆپ ھاللاردا10- ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 11 -ئاينىڭ باشلىرىدا تۆۋەنلەيدۇ، بىراق 12-ئايغا ئۆتۈشى بىلەنلا ئۆسۈشنى ئاساس قىلاتتى،يېقىنقى بەش يىلدا ، كۈمۈش يىل بېشىدا ئۆسۈشى ئىنتايىن تېز بولدى .

گەرچە بۇرۇندىن ھازىرغىچە بولغان ئەھۋالغا قارىغاندا ، كۈمۈش باھاسى 2 -ئايدىن كېيىن تۆۋەنلەيدۇ .لېكىن دۇنيا كۈمۈش مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئازىيىشىنىڭ تەسىرىدە ، بۇ قېتىمقى يۈزلىنىشى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ .

ئۇزاق مۇددەت ئىز قوغلىغان قىممەتلىك مېتاللار بازاردىكى مۇستەقىل تور بېكەت SRSrocco نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، دۇنيا بويىچە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاساسلىق كۈمۈش شىركىتى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ چۈشۈشنى باشتىن كەچۈردى ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 9 مىليون ئۇنسىيە ئازايغان.

\

كۈمۈش مەھسۇلات مىقدارىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشى ياكى پەسىل خاراكتېرلىك تەسىرگە ئۇچراش داۋاملاشسا ، كەلگۈسىدە كۈمۈش باھاسى ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بار .

پايدىسىز خەۋەر: باج - ھەق ئىسلاھاتىنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى ئاشتى

بۇنىڭدىن بۇرۇن بازار باج - ھەق ئىسلاھاتىغا ئىزچىل گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولدى، لېكىن يېقىنقى كۈنلەردە، كۆپ قىسىم ئورگانلار باج - ھەق ئىسلاھاتى قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بولدى،گولدمان سىچېس سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە ، باج گولدمان سىچېس مۆلچەرچە ،باج - ھەق ئىسلاھاتى تېز ئىلگىرى مۇنازىرە مۇساپىگە كىردى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : باج ئىسلاھاتنى 2018 - يىلى قانۇن چىقىرىش بۇرۇن ئېھتىماللىقى %65 دىن % 80گە ئۆستۈرۈش .

ئاق ساراي باش ئىقتىساد مەسلىھەتچى كوھېن بۇ ھەپتە بۇرۇنقى ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : باج - ھەق ئىسلاھاتى لايىھىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ماقۇلنىشدىن ئۈمىد بار ، ئامېرىكا « پارلامېنت تېغى گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ لايىھيگە ئاشكارا قارشى چىققان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى پەقەت بىر قانچە .

\

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەتقىقات كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوك مۇنداق دېدى : جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى باج - ھەق ئىسلاھاتى يەنە ئارقىغا سوزۇشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئوبامانىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىكار قىلىشتا يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى ، ئۇلار سايلام رىقابىتىدە ۋەدە بەرگەن ،شۇڭا باج - ھەق ئىسلاھاتى لايىھىسى يەنە ماقۇلانمسا بولمايدۇ .

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە : باج ئىسلاھاتى لاھىيەسى ئەڭ تېز بولغاندا پەيشەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇلىدۇ، ئاۋام پالاتاسى پۇل غەملەش كومىتېتى باج - ھەق ئىسلاھاتى لايىھىسى ئىچىدە بىر تۈرلۈك ماددىسىنى تۈزىتىش ئارقىلىق ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ بارلىق ئاۋاز بېرىش ئېھتىماللىق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .

ئەگەر باج - ھەق ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق ماقۇللىسا ، بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىق ، بولۇپ ئامېرىكا دوللىرىمۇ ئۆرلەيدۇ ، بۇ كۈمۈش بازىرى تەۋرىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.