ئامېرىكا - كورىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مانېۋىرى كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشكە تۈرتكە بولدى

ilkan_yasinjan 2017-09-19 16:25:26

\

ئامېرىكا - كورىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بومبا تاشلاش مانېۋىرى خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى پەيدا قىلىپ كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشكە تۈرتكە بولدى

بىرىنچى ئالتۇن تورى9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى يېقىندا ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىپ كورىيە ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن بومبا مانېۋىرى ئېلىپ بېرىپ ،جەمئىي 10 دانە بومبا تاشلىدى . ھەمدە كورىيە چاۋشيەننى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.ئەمما چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشىيەنگە قاراتقان ھەربىي ھۇجۇمىغا قارتا «ئۆلسىمۇ تەبىئىتى ئۆزگەرمەسلىك » رۇھىنى نامايان قىلىدى. يېرىم ئارالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەۋج ئالدى، بۇ بۈگۈن كۈمۈشنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى بومبا مانېۋىرى ئېلىپ بېرىپ ، چاۋشيەنگە ياندۇرۇپ بەردى،
يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، يېقىندا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى دانە B-1B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى ۋە تۆت دانە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى، تۆت دانە كورىيە دۆلەت ئارمىيسنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن بومبا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى ، كۈن ئىچىدە جەمئىي 10 دانە بومبا تاشلىدى ، مانېۋىر ئورنى دەل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا بولدى،

بۇنىڭغا قارىتا كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :بومبا تاشلاش مەشىقىدىكى مەقسەت چاۋشيەننى ئاگاھلاندۇرۇش دېدى، ئەمما چاۋشيەن تەرەپ : بۇ ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى بىلەن ھەيۋە قىلىش دەپ قاردى، كۈن ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ قېتىم قاتتىق ئەيىبلەندى.بىراق چاۋشىيەننىڭ قارىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قارىتىلغان ھۇجۇم قىلىش ھەربىي ئىشلاردىكى مۇددىئاسى يەنىلا ھەيۋە قىلىش بىراق چاۋشەن تەرەپ « ئۆلسىمۇ تەبىئىتى ئۆزگەرمەسلىك» روھىنى نامايان قىلدى.

\

كۈمۈش باھاسى ئۆرلەش يۆلنىشىدە بولدى،

نەق مال كۈمۈش بىز رەسىمدىكى 4 سائەت بازار يۈزلىنىشىگە قارايدىغان بولساق ،تۈنۈگۈن ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈشكە يۆلىنىشىگە يۈزلەندى ، كۈمۈشنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى چوڭ بۇلۇپ ،بىراقلا 17.60 دوللار ئەتراپىدىكى باھادىن تۆۋەنلەپ كۈن ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن 17.16 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى. سەيشەنبە كۈنى ( 19 - سېنتەبىر ) كۈمۈش باھاسى تۆۋەن ئورۇندىن ئۆرلەپ ئاسىيا بازىرىدا 17.21 دوللار ئەتىراپىدا بۇلۇپ كۈن ئىچىدە %0.11 بولدى،MACD كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا تېز - ئاستا سىزىقى تۆۋەن ئورۇندىن ئۆرلەپ ، ئاشۇرۇپ سېتىش رايونى كىردى، KDJ كۆرسەتكۈچى ئىچىدە يىغىلىپ ئۆرلىدى، بۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۈمۈش باھاسى كۈچلۈك ئۆرلىشىدىن بېشارەت بېرىدۇ .

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.