چاۋشيەن قۇيۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى

ilkan_yasinjan 2017-09-15 17:51:59

\

بىرىنچى ئالتۇن تورى15 - سېنتەبىر خەۋىرى : جۈمە(9-ئاينىڭ15-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا ،چاۋشيەن يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياپونىيە خوككايدو ئارلىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، بۇ دۇنيانىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتنى ئۆرلىتىۋەتتى، كۈمۈش باھاسىمۇ شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، بازارغا قارايدىغان بولساق، كۈمۈش باھاسى 17.82دوللار ئەتىراپىدا بۇلۇپ ، كۈن ئىچىدە %0.46 ئۆرلىدى.

\


چاۋشيەن قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازارنى قالايمىقان قىلىۋەتتى

جۈمە ( 9-ئاينىڭ15-كۈنى ) ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، چاۋشيەن بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 06:57 ئۆتكەندە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سائەت 07:06 ئۆتكەنلەردە ياپونىيە خوككايدو ئارلىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ،شۇ يەر ۋاقتى07:16 دە تىنچ ئوكيانغا چۈشتى. شەرقىي قىرغاق باشقارمىسىدىن ئۇچقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇش ئارىلىقى 2000 كىلومېتىر بۇلغان، ياپونىيە چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئېتىپ چۈشۈرگىنى يۇق، باشقۇرۇلىدىغان بومبا شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 06:57 ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلگەن .

بىر ئازدىن كېيىن ،ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئەمەلدارى سۇگالىۋىي ئىپادە بىلدۈرۈپ ، ياپونىيە چاۋشيەنگە قارىتا چىقارغان ئەڭ كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى ، ھەمدە چاۋشيەننىڭ قايتا - قايتا ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈردى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىك مەجلىسى ناھايىتى تېزلا ئېچىلىدۇ،يىغىندا بارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ياپونىيەنىڭ ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلىنىدۇ.

كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، كورىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە ئېچىلىدۇ ،كورىيە زۇڭتۇڭى مۇن جەئىن بۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ .

\


نەق مال كۈمۈشنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى

كۈمۈش باھاسىنىڭ رەسىمدىكى ھالىتىگە قارايدىغان بولساق، كۈمۈش باھاسى 17.75 دوللاردىكى باھادىن 17.80دوللارنىڭ ئۈستىدىكى باھاغا ئۆرىگەن. MA5 كۈندىلىك ئوتتۇرچە سىزىق ئۇستىگە ئۆرلەپ 10،20،40،60 ئوتتۇرچە سىزىق ئالتۇن ئاچا شەكلىدە ئېچىلغان،MACD كۆرسەتكۈچى تېز - ئاستا سىزىقى قوش لىنىيىلىك بىردەك نۆل نۇقدىن يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن ئاچا ئەھۋالى داۋامىلىشىۋاتىدۇ ،بۇ كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۇدا يۇقىرى ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇردىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ .

ئومۇمىي ئەھۋالغا قارساق ،ب د ت چاۋشيەنگە قاراتقان يېڭى جازالاش قارارىنى تۇزدى، چاۋشىيەن ئۆچ ئېلىش ئۇچۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇيۇپ بەردى ،بۇ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،بازاردا خەۋىپ- خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى جانلىنىپ كەتتى ، بۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە نەق مال كۈمۈش باھاسىمۇ شىددەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

\


مەبلەغ سىلىشتىكى ياخشى ياردەمچىڭىز ئىلكان كاپىتالى !


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.