ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى يەنە بېسىمغا ئۇچرىدى

parida 2017-07-20 11:54:34

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: نەق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىدى، ئامېرىكا بازىرىدا سودا داۋامىدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1235.55 دوللارغا چۈشتى، ئالتۇن باھاسى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى باھادىن تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، بىردىنلا تۆۋەنلەپ 1240 دوللارلىق ئۇنسىيەنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئۈچ كۈن ئۆسكەندىن كېيىن ئۆسۈش ۋەزىيىتى پەسەيدى. سەيشەنبە كۈنى كەچتە، ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكىدىن %2 ئۆسكەن ئىدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ داۋالىنىش ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ بۇ يىل يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرىنىڭ تۆۋەنلىشى ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن تىرەكلىك رول ئوينىغان ئىدى. چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دوللىرى 10 ئايلىق تۆۋەن نۇقتىدىن ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى، بۇ ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كەلدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ 6-ئايلىق يېڭى ئۆي ئىش باشلاش سانى بىر مىليۇن 215 مىڭ بولۇپ، تۆت ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نىسبەتنى ياراتتى، بۇ ئامېرىكا دوللىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمما ئالتۇن-كۈمۈش ئۈچۈن پايدىسىز بولدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.