ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ

parida 2017-07-19 16:36:07

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالتۇن باھاسى 2003~2000-يىلىدىكى تېخنىكا پاي بازىرى ۋەيران بولغان مەزگىلدە مۇقىم سەۋىيىنى ساقلىغان بولۇپ، كېيىن ئېراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ ئۆسكەن. يەرشارى پۇل-مۇئامىلە كرېزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش كۆرسەتكۈچى فۇشى يەرشارى كۆرسەتكۈچىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن يۇقىرى بولغان، جىددىي ۋەزىيەتتە ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتقان.
مەزكۇر تەھلىلدە FE تەھلىلىدىكى سانلىق مەلۇمات قوللىنىلغان بولۇپ، 1999-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە كرېزىسى ھەمدە ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇلغاندىن بۇيانقى سانلىق مەلۇمات ئاساس قىلىنغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1999-يىلى 6-ئايدىن بۇيان %5 ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار توپىنىڭ باجدىن بۇرۇنقى پايدا نىسبىتى %228، %50 ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار توپىنىڭ پايدا نىسبىتى %350 بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.