تىرامپنىڭ ئاۋارىچىلىقى ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق

parida 2017-07-19 13:38:40

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بىر نەپەر داڭلىق ئىقتىسادشۇناسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دوللىرى سەيشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 18-كۈنى) 10 ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن بولۇپ، دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى تېخىمۇ چوڭ بىر مەسىلىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىدىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
Murenbeeld نىڭ باش درېكتورى Martin Murenbeeld نىڭ يېقىندا قۇبۇل قىلغان بىر زىيارەتتە بىلدۈرۈشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنىقسىز بولۇشى سەۋەبىدىن دوللار كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن. سەيشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى بىلەن ئالتۇن باھاسى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى، يېڭى بىر دۇلقۇننىڭ تەسىرىدە ئالتۇن بازىرىنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى ھالقىلىق قارشىلىق كۈچى نۇقتىسى بولغان 200 كۈنلۈك كۆچمە ئوتتۇرىچە سىزىققا چىقتى.
Martin Murenbeeld نىڭ قارىشىچە، مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەگەر تىرامپنىڭ سىياسىتى ماقۇللانمىسا، پايچەك بازىرى تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئىقتىسادى ئىزچىل تۆۋەن سەۋىيىدە ھەمدە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن بولسا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى تېخىمۇ تەسلىشىدۇ، شۇڭا ئالتۇن بىرخىل كۆپ مەنبەلىك مۇھىم مەبلەغ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.