شىۋېتسارىيەنىڭ 3-ئايلىق ئالتۇن ئېكىسپورت مىقدارى ئاشتى

gulbostan 2017-04-28 12:09:55

\

شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە تاموژنىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى ئورگان سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 3-ئايدا شىۋېتسارىيەنىڭ ئومۇمى ئالتۇن ئېكىسپورت ھالقىما نىسبىتى %57 ئېشىپ 140.3 توننىغا يەتكەن، 2-ئايدىكىسى 89.5 توننا.

ئايرىم تۈر سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 3-ئايدا شىۋېتسارىيە ھىندىستانغا 55.6 توننا ئالتۇن ئېكىسپورت قىلغان بولۇپ، 2-ئايدىكى 37.9 توننىغا سېلىشتۇرغاندا ئاشقان؛ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا 24 توننا ئالتۇن ئېكىسپورت قىلغان بولۇپ، 2-ئايدىكى 22 توننىغا سېلىشتۇرغاندا ئاشقان؛ ئوخشاشلا، شىياڭگاڭغا 24.5 توننا ئالتۇن ئېكىسپورت قىلغان بولۇپ، 2-ئايدىكى 7.4 توننىغا سېلىشتۇرغاندا ئاشقان.

شىياڭگاڭ سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، سېتىۋالغۇچىلار ئالتۇن باھاسىنىڭ 3-ئايدىكى چۈشۈپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئالتۇن سېتىۋالغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى شۇ ئايدا شىياڭگاڭدىن ئېمپورت قىلغان ئالتۇن كۆلىمى 2015-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى 3-ئايدا شىياڭگاڭدىن ساپ ئىمپورت قىلغان ئالتۇن مىقدارى 107.4 توننا بولۇپ، 2-ئايدىكى ئېمپورت مىقدارىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە، 3-ئايدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى شىياڭگاڭدىن جەمئىي 117.6 توننا ئالتۇن ئېمپورت قىلغان، 2-ئايدىكىسى 49.7 توننا؛ شىياڭگاڭغا ئېكىسپورت قىلغان ئالتۇن مىقدارى 10.2 توننا، 2-ئايدىكىسى 2.05 توننا.

ئېمپورت جەھەتتە، شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە تاموژنىسى بۇ يىل 3-ئايدا شىۋېتسارىيەنىڭ ئومۇمى ئالتۇن ئېمپورتى 194.9 توننىغىچە ئاشتى، 2-ئايدىكىسى 186.9 توننا. بىراق 3-ئايدا شىۋېتسارىيە ئەنگىلىيەدىن ئېمپورت قىلغان ئالتۇن مىقدارى 25.4 توننىغىچە كېمەيدى، 2-ئايدىكىسى 30.3 توننا، دېگەن.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.