تانزانىيەنىڭ بۇلتۇر 4-پەسىللىك ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشتى

gulbostan 2017-03-21 16:19:58

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: تانزانىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرقى 3 ئېيىنىڭ ئىچىدە، بۇ دۆلەتنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئېشىپ، 12 مىڭ 26 كىلوگىرام بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى 10 مىڭ 512 كىلوگىرامدىن %14 ئاشقان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 10-ئايدىن 12-ئايغىچە تانزانىيەنىڭ ئالتۇن ئېكىسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.8 ئاشقان بولۇپ، 437 مىليۇن 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان. شۇ مەزگىللىك دائىمىي ھىسابات قىزىل رەقىمى ئازىيىپ، 200 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشكەن. 2015-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدە 359 مىليۇن 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تانزانىيەنىڭ بۇلتۇر 4-پەسىلدىكى GDP سى %6.2 ئۆرلەپ، 2015-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى %7.3 تىن تۆۋەن بولغان؛ شەخس ئىناۋەتلىك قەرزىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2015-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى %24.8 تىن چوڭ دائىرىدە كېمىيىپ، %7.2 بولغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى تانزانىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى مۇراجىئەتنامىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئالتۇن ئېكىسپورتى چوڭ دائىرىدە ئاشقان بولۇپ، دائىمىي ھىسابات قىزىل رەقىمىنىڭ كېمىيىشىگە ياردەم بەرگەن.
مۇراجىئەتنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 1-ئايدا تانزانىيەنىڭ ئالتۇن ئېكىسپورت سوممىسى %30 ئېشىپ، 1 مىليارد 500 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دۆلەتنىڭ 1-ئايدىكى دائىمىي ھىسابات قىزىل رەقىمى چوڭ دائىرىدە كېمىيىپ، 1 مىليارد 800 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.