نۆۋەتتىكى ئالتۇن ئەھۋالىغا نەزەر

gulbostan 2017-02-23 17:31:07

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇننىڭ باھاسى 1230 دوللاردىن 1243 دوللارغىچە بولغان بولۇپ، بەزى ئەھۋاللاردىكى 1230 دوللارغا چۈشىشى قىسقا مۇددەتلىك ئەھۋال بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.
ئالتۇننىڭ بۈگۈنكى بازاردىكى باھاسى ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ 1230 دوللار ئەتراپىدا بولدى.
ئۆتكەن ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە، بازار ئاساسلىقى تىرامپنىڭ ئۈچ قەسىمىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇلار: باجنى كېمەيتىش سىياسىتى، ئاساسىي قۇرۇلۇش چىقىمىنى كېڭەيتىش ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئەركىنلەشتۈرۈش قاتارلىقلار. لىكىن مالىيە پىلانىنىڭ كەمتۈك بولىشى سەۋەبىدىن بازارنىڭ سەۋىرچانلىقى زور توسالغۇغا ئۇچرىغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تىرامپنىڭ بازارنىڭ مۆلچەرىگە يىتەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەندىشە بارغانسىرى سۇ يۈزىگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ بەلكىم تىرامپچە بازار ئەھۋالىنى ئاچىدىغان قۇلۇپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. مۇشۇ سەۋەبتىن ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش دائىرىسى 1230 دوللار ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، ئامېرىكا پايچېكى پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ئالتۇنغا پايدىلىق ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.