سىياسىي خەتەر بازارنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كاپىتالىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇردى

gulbostan 2017-02-23 12:07:52

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پېڭبو خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا سىياسىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى بازارنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كاپىتالىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرغان.
پېڭبونىڭ ئادەتتىكى باھا كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى 1233 دوللار\ئۇنسىيە بولغان.
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن باھاسى %0.4 چۈشكەن بولسىمۇ، لىكىن ئالدىنقى 5 كۈننىڭ ئىچىدە ئالتۇن %0.1 ئۆرلەپ، ئالتۇننىڭ ئالدىقى 8 ھەپتىنىڭ ئىچىدە 7 ھەپتە ئۆسۈشتەك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.
بۈگۈن، پېڭبو دوللار كۆرسەتكۈچى كىچىك دائىرىدە تەۋرەنگەن. ئامېرىكا پايچېكى، ئامېرىكا زايۇمى زۇڭتۇڭ كۈنىدە بىر كۈن دەم ئالغان.
20-فېۋرال ئاۋشىڭ بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسىنىڭ بىر دوكىلاتىدا:« سىياسەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتىرىلىشى بىلەن بازار ئالتۇننى خەتەردىن ساقلىنىش كاپىتالى دەپ قارايدۇ.» دېگەن.
ئاۋشىڭ گوروھىنىڭ قارىشىچە، ئېنىقسىزلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئالتۇن باھاسىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.