2017-يىلى ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

zumrat 2017-01-12 17:36:57

\

پەيشەنبە (1-ئاينىڭ 12-كۈنى) چۈشلۈك سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 1200دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەن. ئاخشام ئامېرىكا يېڭى زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىندا، پۇل سىياسىتى تەشەببۇسى تىلغا ئېلىنمىغان،بۇنىڭ بىلەن دوللار چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان.

بۇندىن كېيىنكى بازارغا نەزەر سالساق، 2017-يىلى ئالتۇن باھاسى پايدىلىق ئامىللارنىڭ تىرەك كۈچىگە ئۇچرايدۇ، بىرىنچىدىن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئالتۇن ماددىي تەلىپى ئەڭ چوڭ ئىككى دۆلەت جۇڭگو ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ نەق مال ئالتۇن ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى ئالتۇن باھاسىغا تىرەكلىك رول كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 2017-يىلى ئۆسۈم قوشۇشى ئاجىز بولۇپ، پەقەت ئىككى قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى باركەن. ئۈچىنچىدىن، يەرلىك سىياسى ئىشلار كۆپ بولۇپ، بۇ يىلدا گېرمانىيە ، گوللاندىيە ۋە فرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇندىن باشقا ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىش ئەندىزىسى قاتارلىقلار. بۇ خەۋپ – خەتەر ئامىللىرى 2017 - يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشىگە تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.