ئالتۇن 10 ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆرلىدى

hasiyat 2016-12-06 17:07:55

\

پۇرسەتتىن پايدىلانغۇچىلار بازارغا كىرىشكە باشلىغانلىقتىن، سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا شەھەر بازىرىدا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىگەن، ئالدىنقى كۈنى ئالتۇن باھاسى 10 ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا يەتكەن.
نەق مال ئالتۇن %2 ئۆرلەپ، 1172.92دوللار / ئۇنسىيەگە چۈشكەن. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن.
ئامېرىكا نەق مال ئالتۇنى ئالدىنقى كۈنى 10 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە %2 ئۆرلەپ، 1174.40 دوللار \ئۇنسىيەگە يەتكەن.
ئامېرىكىنىڭ 11 - ئايدىكى مۇلازىمەت كەسپى سېتىۋىلىش دىرىكتورلار كۆرسەتكۈچى بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ ئېشىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەنلىك ئىسپاتى ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش داغدام يولىنى ئېچىپ بەردى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، (Trump Donald ) ھاكىمىيىتىدىكى ئىقتىسادىي پىلان ئىقتىسادنىڭ كىرزىس ھالىتىدە تۇرىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆتتىكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى كۆزدە تۇتقاندا، جىددىي بولغان مالىيە سىياسىتى، باج ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەر بەلكىم پۇل پاخاللىقى خەتىرىنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ بەلكىم ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنى ئۆسۈم قوشۇشقا قىستاپ، ئىقتىسادنىڭ چىكىنىش خەتىرىنى ئاشۇرىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
نيۇ - يورك فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى رەئىسى (William Dudley) نىڭ بىلدۈرىشىچە، ترامپنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈم قوشۇش پىلانىنى تەڭشەش يەنىلا بالدۇر بولۇپ قالغان.
چىكاگو زاپاس ساقلاش كومېتىتىنىڭ رەئىسى ئېۋانس (Charles Evans) نىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق زايومنىڭ پايدا نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 2017 - يىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تەخمىنەن %2.25 بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆسۈم نىسبىتى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆسىدىكەن.
ئىسلام پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسلىرى دەسلەپكى ئالتۇن سودىسىنىڭ يېڭى قائىدىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ ئىسلام ئاپپاراتلىرىغا تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئالتۇن ۋە كۈمۈش سودا دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەردى.
ئىگەللىنىشىچە، ھەپتىنىڭ 1-گىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن بازارغا سېلىش سودا فوندى (ETF)-SPDR Gold Trust نىڭ ئالتۇن زاپىسى %0.04 چۈشۈپ، 869.90 توننىغا چۈشكەن .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.