ئالتۇن باھاسىدا كىچىك دائىرىدە ئۆزگىرىش بولدى

hasiyat 2016-12-06 16:08:13

\

نۆۋەتتە Comex ئالتۇن قەرەللىك مال 1176.45 بولۇپ، ئارىلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى1177.05 بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق ئەمەس. ئالتۇننىڭ باھاسى 10 ئايدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆرلىگەن، نۆۋەتتە سېتىم بازىرىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنغان، نۆۋەتتىكى بازارنىڭ مۆتىدىللىكى ۋە خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى يەنىمۇ مەۋجۇت، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاسىيا پاي چېكىنىڭ تۆۋەنلەش دائىرىسى ئۆرلىگەن بولۇپ، نېفىت باھاسى ۋە مىس باھاسى ئىزچىل چۈشكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دوللىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەش ۋاقتىنچە توختىغان بولۇپ، بۇمۇ ئالتۇنغا بەلگىلىك قوللاش ئېلىپ كەلگەن. ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ چۈشىشى باشقا پۇللار بىلەن ئالتۇن سېتىۋالغۇچىلارنى تېىىمۇ ئەرزان باھا بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شۇنداقلا , بازار ئاللىقاچان ئىتالىيە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشى مەغلۇپ بولۇشىنىڭ نەتىجىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى، شۇڭا بازارنىڭ قىزىق نۇقتىسى يەنىلا كېلەر ھەپتىدىكى فىدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى(FOMC) نىڭ پۇل سىياسىتى يىغىنى بولۇپ، بازار كەڭ دائىرىدە ئۆسۈم قوشۇلۇش مۇمكىنلىقىنى مۆلچەرلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ ئۆسۈم قوشىشىنىڭ يىقىنلىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئالتۇننىڭ ھەرقانداق ئۆرلىشى قىسقا مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.