ئىتالىيە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى خەتەردىن ساقلىنىش پىلتىسىغا ئوت ياقتى

hasiyat 2016-12-05 18:03:06

\

خەلقئارا نەق مال ئالتۇنى دۈشەنبە ( 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ) دىكى ئاسىيا بازىرىدا، دەسلەپكى بىر مەھەل تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ يۇقىرى باھادا بازار ئېچىلدى ھەمدە 1188.19 ئامېرىكا دوللىرى / ئۇنسىيە بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى، ئۆسۈش نىسبىتى % 0.9 بولدى ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىتالىيە سايلىغۇچىلىرى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانىنى رەت قىلىپ، زۇڭلى رېنزى Renzi Matteo نىڭ ئىستىپا بېرىشنى جاكارلىشىنى ھەمدە ياۋرونىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەتەردىن ساقلىنىش كاپىتالىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە , نەق مال كۈمۈشى يەنە ئۆرلەپ، %1 ئاشتى، كۈمۈش باھاسى 16.98 دوللار / ئۇنسىيە بولۇپ كۈنلۈك يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى. لېكىن، دوللار كۆرسەتكۈچى زور دائىرىدە ئۆرلەپ، ئالتۇن - كۈمۈش باھاسىنىڭ كۆپ قىسىم ئۆسۈش دائىرىسى كەينىگە قايتتى.
ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى دۈشەنبە كۈنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدى ھەمدە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رېنزىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىملىق ئاۋازغا قويۇشتا ئۆزىنىڭ زۇڭلىلىق ئورنىنى دوغا تىككەنىدى.
بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئالتۇن باھاسى ئون ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەندىن كىيىن، ئالتۇن سودا خادىملىرى ۋە ئانالىزچىسى ئۇدا ئىككى ھەپتە كېلەر ھەپتىدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلگەن بولۇپ، مۆلچەرلەش دەرىجىسى جەھەتتە 5 - ئايدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتتى. تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىۋاتقان 17 نەپەر ئالتۇن سودا خادىمى ۋە ئانالىزچىسى ئىچىدە، 3 ئادەم ئۆرلەشنى ( % 18 ) ، توققۇز ئادەم چۈشۈشنى ( %53 ) ، 5 ئادەم تەڭ نىسبەتنى مۆلچەرلىدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.