ئالتۇن بازىرىدىكى چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغان ئامىل

zumrat 2016-12-02 16:31:59

\

جۈمە (12-ئاينىڭ 2-كۈنى) ئاسىيا چۈشلۈك سودا بازىرىغا ئاز قالغاندا، ئالتۇن باھاسى0.5% ئۆسكەن، بىراق دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى21:30دە ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ئامېرىكا ئىقتىسادى جانلىنىش ئۈمىد بار. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئاينىڭ13-14-كۈنى ئۆسۈم نىسبىتى قارار يىغىنىدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى ھېسابلىنىدۇ . بۇندىن باشقا بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىتالىيە ئۆتكۈزىدىغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتى، بۇ ئالتۇن بازىرىدىكى يەنە بىر چوڭ داۋالغۇش پايدا قىلىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

UBS Global Research نىڭ ئانالىزچىسى سۆزىدە، ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشى يەنىلا ئاجىز ھالىتىدە، ئامېرىكا 12-ئايلىق ئۆسۈم قارارىنى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئالتۇن باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.