ئالتۇن باھاسى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ بازارنى تەڭشىدى

hasiyat 2016-11-30 19:15:13

\
خەلقئارالىق نەق مال ئالتۇنى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ۋاقىتىلىق 1190 دوللار \ئۇنسىيە بولدى. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن ئامېرىكىنىڭ 12-ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى ئىلگىرى سۈردى، ئالتۇن باھاسى نيۇيورك ۋاقىت بۆلىكىدە بىسىمغا ئۇچراپ، 1181 دوللار\ئۇنسىيەگە چۈشتى، لىكىن كېيىن دوللارنىڭ چۈشىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش دائىرىسىنى تارلاتتى . 11- ئاينىڭ 30-كۈنى كەچقۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلار « كىچىك غەيرىي يېزا-ئىگىلىكى» دەپ ئاتىلىدىغان ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنى كۈتىۋالىدىغان بولۇپ ، بۇ 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى غەيرىي يېزا-ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئۈچۈن كۆرسەتكۈچلۈك رول ئوينايدىكەن.



سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.