ئالتۇن باھاسىنىڭ ئايلىق چۈشۈش دائىرىسى 150دوللارغا يەتتى

zumrat 2016-11-30 18:10:33

\

چارشەنبە (11-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئاسىيا ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئەڭ يۇقىرى 1195دوللار ئەتراپىغا چىققان،بىراق ئارقىدىن 1188دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئېشىپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى 1181دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن، ئالتۇن باھاسى 2013-يىلى6-ئايدىن بۇيانقى ئايلىق چۈشۈش دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولغان.

ئالتۇن باھاسى11-ئاينىڭ9-كۈنى 1337دوللارغا چىققان، بىراق يۇقىرى نۇقتىغا چىققاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسىدا 150دوللار ئەتراپىدا چۈشۈش دائىرىسى شەكىللەندى، بۇنداق بولىشىدا ئاساسلىقى دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى تەسىر كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كېيىنكى قېتىملىق پۇل سىياسىتى يىغىنىنى 12-ئاينىڭ12-13-كۈنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ئۆسۈم قوشۇشنى قوللاپ كەلدى، قەرەللىك مال بازىرىدا ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش مۆلچەرى%96كە يەتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.