ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشىگە بولغان مۆلچەر

zumrat 2016-10-25 17:58:37

\

سەيشەنبە 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاسىيا سودا بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە چۈشۈشنى ئاساس قىلغان، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن 1262دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن.
Kitco تېخنىكىلىق ئانالىز ئۇستىسى Kira Brecht دۈشەنبە كۈنى كۆرسەتمە بەرگىنىدە، 10-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئالتۇن باھاسى دائىرىدە ئىچىدە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى، ئاساسلىق بۆسۈش نۇقتىسى 1275.9، تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى 1243.2دوللار. ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1275دوللاردىكى بۆسۈش نۇقتىسىنى بۇزۇپ تاشلىسا، ئۆسۈش يۆنىلىشىدە سودا قىلىش پۇرسىتى كۆپىيىپ، كېيىنكى يۇقىرى نۇقتىدىكى نىشان 1305دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر تۆۋەن تىرەش نۇقتا 1243دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە، چۈشۈش بوشلۇقى كېڭىيىپ 1218دوللار ئەتراپىغا چۈشۈشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ،قالايمىقان كۈچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.