ئالتۇن باھاسىنىڭ يىقىنقى ئۆزگىرىش ئەھۋالى

zumrat 2016-10-25 15:28:35

\

ئاسىيا ئالتۇن ماددىي بۇيۇم ئېھتىياجىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن، ئالتۇن زاكاز مال باھاسى ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئازراق ئۆرلىدى، ئالدىنقى ھەپتە ئومۇمىي ئېشىش نىسبىتى % 1 ئەتراپىدا بۇلۇپ، تۆت ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئايلانما لىنىيە بويىچە ئۆرلەش بولۇپ قالدى. نيۇ يورك تاۋار بېرژىسى 12 - ئايدا تاپشۇرىدىغان ئالتۇننىڭ قەرەللىك باھاسى سودا بازىرىدىكى 1262 ئامېرىكا دوللىرى / ئۇنسىيە ( ئېغىرلىق بىرلىكى ) تۆۋەن نۇقتىسىغا تېگىشمەي، 20 سېنت ئۆرلەپ، 1267.7 دوللارلىق باھانى ساقلاپ قالغان. شۇ كۈنى ئالتۇننىڭ باھاسى ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يېقىنلاشقان ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1269 ئامېرىكا دوللىرى / ئۇنسىيەدىن ئېشىپ كەتتى.
گەرچە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئاز - تولا ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى شۇنداقلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ۋاقتى ئېلىپ كەلگەن ئېنىقسىزلىق ئالتۇننىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى. ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ۋە مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن كەڭ پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى، بۇ ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بولۇپمۇ ئومۇمى ئۆرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئالتە خىل ئاساسلىق پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىتئەلەر ئارا سودا بازىرىدىكى ئۆزگىرىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى تەخمىنەن % 0.5 ئۆرلىگەن.
ThinkForexنىڭ باش بازار ئانالىزچىسى نائىم ئاسلام مۇنداق دەپ قارىدى: «ئالتۇن ، دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە بولغان ھەرقانداق ئۆرلىشى ناھايىتى زور ئىنكاس پەيدا قىلالايدۇ، « ئەمما ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرماقتا»؛ بازار مۆلچەر مەزگىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىنى يۇقىرى كۆتۈردى، «ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى كەلگۈسىدە پەقەت ئۆرلەيدۇ، بۇ بەلكىم ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. » ئاسلام مۇنداق دىدى: «بۇ ھەپتىدە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا يادرولۇق چىداشلىق بۇيۇم زاكاز سانلىق مەلۇماتى ۋە GDP سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇپ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.» ئۇ يەنە مۇنداق دىدى: « بۇ ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات ئالتۇننىڭ باھاسىغا نىسبەتەن ئىلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم.» ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى كۈچلۈك بولسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ،قالايمىقان كۈچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.