ئالتۇن بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم دىققەت نۇقتىسى

zumrat 2016-10-20 17:40:34

\


پەيشەنبە‏(10-ئاينىڭ‏20-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، ئالتۇن باھاسى تېخنىكىلىق ئامىلى سەۋەپتىن كىچىك دائىرىدە ئۆسۈپ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى، نۆۋەتتە بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى كەچتە ئېلان قىلىندىغان ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم سىياسىتى يىغىنى.

بىرقىسىم ئەمەلدارلار ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى پەيشەنبە كۈنى پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان، بىراق 12-ئايدا پۇلنى كەڭ قۇيۇۋېتىش سىياسىتىنى قوللىنىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن.

جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسىBarnabas Gan مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئەگەر ياۋورپا مەركىزىي بانكىسى زايوم سېتىۋېلىش پىلانىنى ئازايتىپ تېخىمۇ قىممەت بولغان ياۋرۇنى كىرگۈزسە، بۇ دوللارنىڭ چۈشۈشى ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

نەق مال ئالتۇن0.3%ئۈسۈپ ھەر ئۇنسىيە1272.5دوللارغا چىقتى،چارشەنبە ئالتۇن باھاسى10-ئاينىڭ5-كۈندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نوقتا1273.34دوللارغا چىقتى. ئامېرىكا قەرەللىك ئالتۇن0.3%ئۈسۈپ ھەر ئۇنسىيە1273.2دوللارغا چىقتى.

جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسىBarnabas Gan تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يىل ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى. ھازىر بازار11-ئايدىكى ئامېرىكا پېرزىدىنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ12-ئايدىكى ئۆسۈم قارارى قاتارلىقلارنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئالتۇن باھاسى ئېنىق بولمىغان تىرەشكە ئىششىپ، يىل ئاخىرغىچە ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ1300دوللار بولىدۇ دەپ پەرەز قىلدى.

دېموكراتچىلار نامزاتى ھىلارى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پرېزىدېنت مۇنزىرىدىن كىيىن،خەتەردىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىدا كىچىك دائىرىدە چۈشتى.

 INTL FCStoneئانالىزچىسىEdward Meirمۇنۇلارنى بىلدۈردى:قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا دوللار چۈشۈپ،ئالتۇن باھاسى چۈشۈشتىن توختاپ ئۈسۈشكە يۈزلەندى،ھەتتا تېخىمۇ ئۆسۈشى مۇمكىن.ناۋادا دوللار چۈشۈشتىن ئۈسۈشكە قاراپ يۈزلەنسە ھەمدە پاي بازىرى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىسە،ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا مەزگىللىك ئۆسۈشى ئاخىرلىشىدۇ.

رېيتېر تېخنىكا ئانالىزچىسىWang Tao مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 1265دوللاردىكى بۆسۈش نۇقتىسىنى بۇزۇلغانلىقى سەۋەپلىك تېخىمۇ ئۈسۈپ 1280دوللارغا چىقىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.