ئالتۇن باھاسىدىكى قالايمىقان ئۆزگىرىشلەر

zumrat 2016-10-20 17:00:25

\

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى، نيۇ - يورك (Valerie Caproni)جەنۇبى سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى دەۋا ئالتۇن باشقۇرۇش دېلولىرىدا گېرمانىيە بانكىسى قاتارلىق بەش چوڭ ئالتۇن باھاسىنى بېكىتىپ، تىزگىنلىشىگە قارىتا نۇرغۇن گۇمان قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تالاش - تارتىش كۆپ يىللىق ئالتۇن باھاسىنىڭ كونترول قىلىش دەۋاسىنىڭ شەكلى سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . نۆۋەتتە كانادا سىكوتىيە بانكىسى، باركلاي بانكىسى، گېرمانىيە بانكىسى، خۇيفىڭ بانكىسى ۋە فرانسىيە گۈللىنىش بانكىسى ئاساسلىق ھەر سودا كۈنىدىكى لوندون ئالتۇن باھاسىنى بېكىتىشكە مەسئۇل، بۇ خىل باھا بېكىتىش يەر شارى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەر خىل ئالتۇن سودا يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ، يۇقىرىقى بەش چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئالتۇن باھاسىنى بېكىتىدىغان بانكا دەپ ئاتالغان .
بىر ئامېرىكا قوش ئۈزۈلمە فوندى دېرىكتورى مۇنداق دەپ قارىدى : سودىيە دەۋاگەرنىڭ بۇ قېتىمقى شىكايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلار ئاللىقاچان مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ھالقىلىق دەلىل - ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ بولدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كاپۇلونى دەۋاگەرنىڭ شۋېتسارىيە بانكىسىغا قارىتا ئەيىبلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قوللاپ ،ئاقلىغۇچى بىلەن گېرمانىيە بانكىسىنىڭ كېلىشىۋېلىشىنى قوللىدى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قوش ئۈزۈلمە فوندى دېرىكتورى مۇنداق دېدى : بۇ يارىشىشتا ئالتۇن بەلكىم نەچچە ئون مىليارد دوللارغا چىقىشى مۇمكىن.
ئالتۇننىڭ مەشغۇلات تەپسىلاتى
بىرىنچى، ئۈچىنچى ئاپپارات نەچچە يىللىق سانلىق مەلۇماتلارنى ستاتىستىكىلاش ئارقىلىق بايقىشىچە، ھەر بىر سودا كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا، ئالتۇن باھاسىدا دائىم بىنورمال داۋالغۇش كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن ، چۈشتىن كېيىن 03:01 تىن باشلاپ، ئالتۇن بۇيۇملىرىنىڭ يۈزلىنىشى بېكىتىلگەن ئۆلچەم دەرىجىسىدىن %70 ئېشىپ كەتكەن، 5 مىنۇتنىڭ ئىچىدىكى تەۋرىنىشى 85% تىن يۇقىرى بولغان. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى ، ھەر كۈنى باھا شەكىللىنىش مەزگىلىدە، مەبلەغ سېلىش بانكىسى سودا خادىملىرى باھا يۈزلىنىشىنى ئالدىن ئىگىلىيەلەيدۇ.
ئىككىنچى، قىسمەن مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولغان مەبلەغ سالغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ خادىملىرى ئامال قىلىپ ئىچكى قىسمىدىكى سودا پوچتا يوللانمىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن باھاسى شەكىللىنىش مەزگىلىدىكى بىرلىشىپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىسپاتلىماقچى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سودا پوچتا يوللانمىسى ئۆتكەن يىلى شۋېتسارىيە بانكىسى، خۇيفىڭ بانكىسى، گېئورگى بېركېلىي ، گېرمانىيە بانكىسى، مورگان ستانلى قاتارلىق ئالتۇن - كۈمۈش سېتىۋېلىش - سېتىشتا باھا پەرقى بولغان تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدىن كەلگەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.