پايچەكنىڭ چۈشىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى

zumrat 2016-09-30 17:35:07

\

جۈمە كۈنى(9- ئاينىڭ 30-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن، ئالتۇن باھاسى ئۆستى. ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى %0.2 ئۆرلەپ 1323.2 دوللارغا چىقتى. ئامېرىكا بازىرىدا ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن 1326.4 دوللارلىق باھانى ساقلىدى. ئاسىيا پاي چېكى بازىرى ۋال سترېت كوچىسى پاي چېكى بازىرىغا ئەگىشىپ چۈشۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا 2 - پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەرى ياخشى بولماقتا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئېكسپورت مىقدارى ئىمپورت مىقدارىدىن چوڭ بولغانلىقتىن ھەم شۇنداقلا مەبلەغ سېلىش مىقدارىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ياخشى تۈرتكە بولالايدۇ. باشقا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ئامېرىكا 8 - ئايلىق ئۆي سېتىش توختامى تۆۋەنلەپ 7 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى. مىننئاپولىس بىرلەشمە ساقلاش رەئىسى كۇشكامكاراگ ( <Neel> <Kashkari> ) پەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : پۇل پاخاللىقى مۆلچەردە مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى نىشانىدىكى %2 تىن تۆۋەن بۇلۇپ، ۋاقتىنچە ئۆسۈم قوشمايدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بائۇئېر پەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئامېرىكا ئىقتىسادىي يەنىلا « پۈتەي ھالەت >> تە، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاجىز شارائىت تەرىپىدىن ئۆسۈم قوشۇشتا سەۋرچان ھالەتنى ساقلايدۇ. كانزاس فېدېراتسىيە زاپىسى رەئىسى جورج (George) ئىستىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ھازىر ئۆسۈم قوشىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى، ھازىر ئۆسۈم قوشقاندا ئىقتىسادى مۇھىت نىسبەتەن كېڭىيىدۇ. جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ 9- ئايلىق ئۆسۈم نىسبىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچى خادىملىرى غايەت زور قوزغىتىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى شۇنداقلا ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە ئىلىپ باردى. پەيشەنبە كۈنى مېكسىكىنىڭ شىمالىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر كان يولىغا <Penasquito> كىرىپ توسۇلۇپ قالدى ، لېكىن بۇ شىركەتنىڭ خادىملىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ ،تىجارەت ھالىتى تەسىرگە ئۇچرىمىدى ، لېكىن بۇ مەسىلە چوقۇم تېزدىن ھەل قىلىنىشى كېرەك، دېدى. كانادا ئالتۇن شىركىتى ئاۋىسترالىيىنىڭ كانچىلىق شىركىتىدىن 1 مىليارد كانادا دوللىرى تەلەپ قىلدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.