فېدېراتسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىدە زور تەسىر پەيدا قىلدى

rabigul 2016-09-29 15:30:32

\

ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇنازىرسىدىن كېيىن، ئالتۇن بازىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى قايتىدىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىغا قايتىپ كەلدى. تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلېننى ئۆز ئىچگە ئالغان بىر قانچە فېدېراتسىيە ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلدى. يېلېن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇساپىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ، لېكىن ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۇساپىسىدە مۇقىم ۋاقىت جەدۋىلى يوق.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىدە زور تەسىر پەيدا قىلدى. ئانالىزچى Jonathan Butler مۇنۇلارنى بىلدۈردى، " ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىدىن باشقا ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندىغان ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى؛ بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئالدىن ئويلىشىدىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىرى، ئەگەر پۇل پاخاللىقى%2 بولسا، بۇ چوقۇم ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ."

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.