دوللارنىڭ ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى

zumrat 2016-09-28 18:33:57

\

ئامېرىكىنىڭ ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلىشى ھەمدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئېشىشى سەۋەبىدىن، ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنى چەكلەپ قويدى، ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە(9- ئاينىڭ27- كۈنى) بىر ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ يەنە ھىلارى ۋە ترامىپ تۇنجى قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىگە چۈشۈشىدىن كېيىن، ھىلارىنى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. چارشەنبە ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى. نيۇيوركقا تەسىس قىلغان ھەربى مەسلىھەت بېرىش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى باش شىتابى سەيشەنبە (9-ئاينىڭ 27-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىغا بولغان ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسىگە پايدىلىق چىقىپ، ئامېرىكا 9 - ئايلىق ئىستېمالچىلار ئىشەنچ قىممىتى ئاشتى. ئامېرىكا 9 - ئايلىق ھەربى مەسلىھەت بېرىش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كىيىن 101.8دىكى قىممەتتىن 104.1دىكى قىممەتكە چىقىپ،2007-يىلى 8- ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.