ئالتۇن باھاسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى

zumrat 2016-09-26 17:28:35

\

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا فېدېراتىسىيسنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىشى ھەم ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرنى تارايتىش سەۋەبىدىن دوللار باھاسى چۈشۈپ كەتتى بۇنىڭ بىلەن (9-ئاينىڭ 26-كۈنى) دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا،ئالتۇن باھاسى ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى.
دۈشەنبە كۈنى نەق ئالتۇن باھاسى 0.1% ئۆرلەپ ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن باھاسى 1338.91 دوللار بۇلۇپ،ئالدىنقى ھەپتىگە قارغاندا%1.2 ئۆسكەن .بۇ 7-ئاينىڭ 29- كۈندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بۈسۈش بۇلۇپ قالغان.
بۇ قېتىم ئالتۇن باھاسى ئۇددا ئۈچ پەسىللىك ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ،2011- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئۆسۈش ھالىتى بۇلۇپ قالغان.ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيسىنىڭ 2017-يىلىدىكى ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەر قېتىم سانىنى ئەسلىدىكى3 قېتىمدىن 2 قېتىمغا ئازايتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپۇنىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ تاسادىبىي قوللانغان پۇل سىياسىتى ئەگرى سىزىقلىق پايدا نىسبىتىنى كونتىرول قىلغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.