بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى ئالتۇن باھاسى

gulbostan 2016-08-24 11:45:28

\

بۈگۈن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرىدا 1338 دوللار ئەتراپىدا تار دائىرىدە تەۋرەندى، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىققان بولسىمۇ، بىراق بازارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بۇ ھەپتىدىكى يەر شارىدىكى مەركىزىي بانكىلارنىڭ جېكسون خول يىللىق يىغىنىدا بولدى، ئالتۇن باھاسى 1335-1345 دوللار ئارىلىقىدا تار دائىرىدە تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بۈگۈن كەچتىكى ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلىرى. نۆۋەتتە بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى جۈمە كۈنىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىننىڭ نۇتۇق سۆزى بولۇپ، يىغىندا ئۆسۈم قوشۇشقا دائىر سۆز قىلىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.