بۈگۈن ئالتۇن يەنە چۈشتى

gulbostan 2016-07-25 13:08:14

\

بۈگۈن ئەتگەن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى كېچىدىكى چۈشۈش ھالىتىنىڭ ئىزچىل ساقلاپ، بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن باھا ھەر ئۇنسىيەسى 1313.80دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، بىر ئاي ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن باھا 1310دوللارغا يېقىنلاشتى. ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن، دوللار باھاسىمۇ ئۆرلەپ، شۇ كۈنى ئالتۇننىڭ باھاسى ئازراق تۆۋەنلىدى. بىراق ھەپتە ئاخىرىدا گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمى شۇ يەرنىڭ سىياسىي خەۋپىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئالتۇننىڭ باھاسىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تىرەشنى ھاسىل قىلىش مۇمكىن. ئەتە ئامېرىكا فېدىراتسىيىسى ئىككى كۈنلۈك پۇل سىياسىتى يىغىنى ئاچماقچى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.