بۈگۈن ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەپ 1330دوللار ئەتراپىدا بولدى

gulbostan 2016-07-22 11:45:19

\

بۈگۈن ئەتگەن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى كېچىچە ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ھەر ئۇنسىيەسى 1330دوللارنىڭ يۇقىرىسىدا بولدى. تۆنۈگۈن ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسپىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلايدىغانلىقىنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پايچىك بازىرى يۇقىرى ئورۇندىن بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. ئالتۇننىڭ باھاسى تۆنۈگۈن ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەت 1310دوللاردىن%1 ئېشىپ، بازاردىكى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1334دوللار ئەتراپىدا بولدى. بىراق تۆنۈگۈن كېچە ئېلان قىلغان بىر قاتار ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولغانلىقتىن، ئامېرىكا فېدىراتسىيىسى كېلەر ھەپتە 7-ئايلىق پۇل-مۇئامىلە سىياسىتى مۇھىم يىغىنى ئاچىدۇ. بۇ مۇھىم سانلىق مەلۇمات بەلكىم پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىسى بولۇپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىنى چەكلىگىلى بولۇشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.