ئالتۇن ئۈچ ئايدىن كېيىن 1375دوللارغىچە ئۆرلىشى مۆلچەرلەندى

gulbostan 2016-06-30 15:18:57

\

ئاۋسترالىيە- يېڭى زېلاندىيە بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسى Daniel Hynes بۈگۈنكى دوكلاتىدا مەزكۇر بانكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچ ئاي ئىچىدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىشانىنى ھەر ئۇنسىيەسى 1375 ئامېرىكا دوللىرىغا، كەلگۈسىدە 12 ئاي ئىچىدىكى ئۆرلەش نىشانىنى 1400 دوللارغا مۆلچەرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئاۋسترالىيە- يېڭى زېلاندىيە بانكىسى مۇنداق دېدى : ئەنگلىيەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى يەر-شارى ئىقتىسادىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،بىراق دەسلەپكى زەربە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئايلىنىش نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى بولماقتا. مەزكۇر بانكا يەنە: بازارنىڭ قىزىق نۇقتىسىنىڭ قايتىدىن يەر شارى مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتىگە قايتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ، كەلگۈسىدىكى بىر قانچە ئايدىكى ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.