ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى نېفىت، ئالتۇن بازىرىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

gulbostan 2016-06-23 10:53:50

\

ئەنگىليە 6-ئاينىڭ23-كۈنى(پەيشەنبە) ياۋرودىن چېكىنىش ياكى ياۋرودا داۋاملىق قېلىش ھەققىدە پۇقرالار ئاۋاز بېرىش سايلىمى ئېلىپ بارىدۇ. دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئىككى پارچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن ئەنگىليەنىڭ ياۋرودا قېلىش نىسبىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن. بىراق ئۈچىنچى پارچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ياۋرودىن چېكىنىشنى قوللاش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە نۆۋەتتىكى پۇقرالار ئاۋاز بېرىش سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ناھايتى قىيىن بولۇپ، ئەگەر ئەنگىليە راستىنلا ياۋرودىن چېكىنىشنى تالىسا ئۇنداقتا بازار تەۋرىنىشى چوڭ بولۇشى مۇمكىن. ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشىنىڭ نېفىت، ئالتۇن بازىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىگە نىسبەتەن بىر قانچە دۆلەتنىڭ تەھلىلچىلىرىنىڭ كۆز قارىشى مۇنداق:سىتى بانكىسى ئالتۇننىڭ باھاسى ھەر ئۇنسىيەسى 1350دوللارنىڭ ئۈستىدە بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى. گوللاندىيە بانكىسى ئالتۇننىڭ باھاسى ھەر ئۇنسىيەسى 1400دوللارغا مۆلچەرلىدى. ئاۋسترالىيە ‐ يېڭى زېلاندىيە بانكىسى ئالتۇندىن باشقا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدىغان تاۋارلار چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەر قىلدى. فىرانسىيە گۈللىنىش بانكىسى نېفىت باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى. مورگىن چاس بانكىسى نېفىت باھاسى تۆۋەنلەش خەۋپىگە دۇچار بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى. ستاندارد چارترېت بانكىسى نېفىت بازىرى چوڭ بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.