ئالتۇن بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەك 1264كە تۆۋەنلىدى

gulbostan 2016-06-22 12:51:45

\

خەلىقئارادىكى قەرەللىك ئالتۇن 6ـئاينىڭ22ـكۈنى(چارشەنبە)ئاسىيا بازىرىدا ئۇدا تۆۋەنلەپ ھەر ئۇنسىيەسى 1270دوللارنىڭ تۆۋىنىگە چۈشتى. 6ـئاينىڭ21ـكۈنى(سەيشەنبە)ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىش ئەندىشىسىنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، خەۋپ خەتەر كەيپىياتى پۈتۈن پايچىك بازىرىنى ئۆرلىتۋەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ تەۋرىنىشى ئالتۇننىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىپ تەخمىنەن%2ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەك 1264كە تۆۋەنلىدى. بىراق 6ـئاينىڭ21ـكۈنى (سەيشەنبە)كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئەنگىليەنىڭ« ياۋرودا قېلىش»مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەش نىسبىتى سەل تۆۋەنرەك بولۇپ، بۇ 6ـئاينىڭ 23ـكۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىش پۇقرالار ئاۋاز قويۇش نەتىجىسىنىڭ يەنىلا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا فېدىراتسىيەسىنىڭ رەئىسى يېلېن 6ـئاينىڭ23ـكۈنى يەنە داۋاملىق كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بەرمەكچى، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنىڭ سوزىدىن ئۆسۈم قوشۇش ۋاقتىغا ئائىت يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.