ئامېرىكا فېدراتسىيىسىدىكى پوۋېل ئۆسۈم قوشۇش تەرەپدارلىرى لاگىرىغا كىردى

sayibjamal 2016-05-27 11:30:03

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا فېدراتسىيىسىدىكى نۇرغۇن تەدبىر بەلگۈلگىچىلەر ئۆسۈم قوشۇشنى قوللاپ سۆز قىلغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 26-كۈنى) ئامېرىكا فېدراتسىيىسى ئۆسۈم قوشۇش تەرەپدارلىرى لاگېرىغا يەنە بىر يېڭى ئەزا يەنى ئامېرىكا فېدراتسىيىسى كېڭەش ئەزاسى پوۋېل قوشۇلدى. بىراق پوۋېل، ئۆسۈم قوشۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى داۋاملىق ياخشىلاش ئىكەنلىكى، بىراق ئەگەر ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى ياخشى بولسا دەرھال ئۆسۈم قوشۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
پوۋېل پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگىتوندا يېزىقچە نۇتۇق ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «كەلگۈسىدىكى سانلىق مەلۇمات ۋە خەۋىپ خەتەر ئۆزگىرىشىنى بەلگىلەشتە ناھايتى تېزلا قايتا ئۆسۈم قوشۇشقا تايىنىشىمىز مۇمكىن.» ئۇ يەنە تولۇقلاپ، ئۆسۈم قوشۇش جەريانى قەدەممۇ قەدەم تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دېگەن.
پوۋېل ۋە ئامېرىكا فېدراتسىيىسىدىكى خىزمەتداشلىرى بىرلىكتە 6-ئاينىڭ 14-15 كۈنلىرى ۋاشىنگىتوندا پۇل سىياسىتى يىغىنى ئېچىپ، ئۆسۈم قوشۇش قوشماسلىقنى قارار قىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.