ۋېنسۇئىللا ئالتۇننى تۆكمە قىلىپ ساتتى

sayibjamal 2016-05-26 16:50:30

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ۋېنسۇئىللا ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرىز تۆلەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى بانكىسى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە زور مىقداردا ئالتۇن سېتىپ، سەككىز يىلدىن بۇيانقى دۇنيادىكى مەركىزى بانكا ئالتۇن زاپىسىنى ئازايتىشتىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى %24 كە چۈشكەندىن كېيىن، ۋېنسۇئىلانىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە يەنە %16 چۈشكەن. بۇ شېۋىتسارىيە 2007-يىلى ئۈچىنچى پەسىللىك سېتىش مىقدارى ئۈچ مىليۇن 200 مىڭ ئۇنسىيە ئالتۇن بولغاندىن بۇيانقى، بىر مەركىزى بانكىنىڭ بىر پەسىلدە ئەڭ چوڭ كۆلەمدە ئالتۇن سېتىش ھەركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى يىل ئاخىرغىچە، ۋېنسۇئىللا ئالتۇن زاپىسى 8 مىليۇن 770 مىڭ ئۇنسىيە بولۇپ، بىرىنچى ئايدا تەڭپۇڭ بولغان، 2-ئايدا 7 مىليۇن 670 مىڭ ئۇنسىيە بولغان، 3-ئايدا 7 مىليۇن 400 مىڭ ئۇنسىيەگە چۈشكەن.
دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى (WGC) بۇ ئايدا بىلدۈرۈشىچە، ئالتۇن زاپىسى ۋېنسۇئىللا تاشقى پىرۋوت زاپىسىنىڭ %66 نى ئىگەللەيدۇ. پەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 26-كۈنى) ئاسىيا دەسلەپكى بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى ھەر ئۇنسىيە 1223.60 دوللار بولغان.
ۋېنسۇئىللا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى پۈتۈن سومما بويىچە ۋاقتىدا قەرىز قايتۇردىغانلىقىنى توختىماستىن ئىلتىماس قىلغان. بۇ يىل 2-ئايدا بۇ دۆلەت سودا مىنىستىرلىكى مىنىستىرى Jesus Faria نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 10-ئاي ۋە 11-ئايدىكى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى بارلىق قەرىزلەرنى بۇ يىل قايتۇردىكەن. شۇ ۋاقىتتا يەنە، ۋېنسۇئىللا مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى Nelson Merentes مۇ بۇ دۆلەتنىڭ داۋاملىق قەرىز قايتۇردىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.