ئامېرىكا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى

sayibjamal 2016-05-25 15:52:07

\

FX168خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 24-كۈنى) ئالتۇن بازىرىغا يەنە زەربە بولدى. بىر كۈندە دوللار كۆرسەتكۈچى ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يىتىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى دوللارنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى 1230 دوللار/ ئۇنسىيەدىن تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ، بىر كۈندىكى چۈشۈش دائىرىسى %1.6 تىن ئېشىپ كەتتى.
ئىلگىرى ئامېرىكا فېدراتسىيسىى ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ پوزىتسىيسىى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن بازىرىغا ئىزچىل بېسىم ئېلىپ كەلگەن، شۇنداقلا سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى يېڭى ئۆيلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئالتۇننىڭ بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى (DOC) سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا 4-ئايدا يېڭى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى تېز ئۆرلەپ 8 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن، ئۆي باھاسى يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، بۇ ئىككىنچى پەسىللىك ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 4-ئايلىق يېڭى ئۆيلەرنى سېتىش يىللىق نىسبىتى پەسىل خاراكتىرلىك تەڭشىلىپ، 610 مىڭ 900 ئائىلە بولغاندىن كېيىن، 2008-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. دەسلەپتە 520 مىڭ 300 ئائىلە دەپ مۆلچەرلەنگىنى 3-ئايدا تۈزىتىلگەندىن كېيىن 530 مىڭ 100 ئائىلىگە يەتكەن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى 510 مىڭ 100 ئائىلە ئىدى. يېڭى ئۆيلەرنىڭ پۈتكۈل ئۆي مۈلۈك بازىرىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %9.2 بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى يېڭى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى ئايلاردىكىدىن %16.6 ئېشىپ، ئېشىش دائىرىسى 1992-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە بولغان.
ئىلگىرى كالفورنىيە فېدراتسىيە رەئىسى ۋىليامىس دۈشەنبە كۈنى سۆز قىلغاندا دېيىشىچە، ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ بۇ يىل ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، كېلەر يىلى ئۈچ ياكى تۆت قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن ئىكەن، كونكېرىت ئۆسۈم قوشۇش ۋاقتى ئىقتىسادى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، قىممەتلىك مىتال بازىرىدا ئومومىيۈزلۈك چۈشۈش كۆرۈلگەن بولۇپ، كۈمۈش باھاسىمۇ بىر كۈن ئىچىدە %1 چۈشۈپ، 4-ئاينىڭ 19-كۈندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن. ئاق ئالتۇن %1.1 چۈشۈپ، 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن. پاللادىي ئالتۇن رودىسىنىڭ باھاسى %2.6 چۈشۈپ 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.