ئالتۇن بازىرىدا بىر قېتىملىق تۆكمە قىلىپ سېتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن

sayibjamal 2016-05-25 11:20:14

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالتۇن بازىرىنىڭ ئاجىزلىشىش يۈزلىنىشى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. سەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 24-كۈنى) ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى 1230 دوللار/ ئۇنسىيە سەۋىيىسىگە يەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا رايوندىكى ھەقىقىي ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا.
MKS نىڭ بىلدۈرۈشچە، 1243 ۋە 1244 دوللار/ئۇنسىيە ئەتراپىدىكى ئالتۇن باھاسى سەۋىيىسىدىكى ئالتۇن بازىرىدا بەزى ئېھتىياجلار پەيدا بولغان.
MKS يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ سەۋىيە ھازىر ئالتۇن بازىرىدىكى ئۈچ چوڭ تۆۋەن نۇقتا دەپ قارالدى، ئالتۇن باھاسى ئۈنۈملۈك ھالدا بۇ سەۋىيىدىن چۈشكەندىن كېيىن، يېڭى بىر قېتىملىق تۆكمە قىلىپ سېتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.