كەلگۈسى ئالتۇن باھاسىنىڭ نىشانى 1300 دوللار دەپ مۆلچەرلەندى

zumrat 2015-02-27 17:47:03
  • \


    ئاۋسترالىيە يېڭى زېللاندىيە بانكىسى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى دوكلاتىدا كۆرسەتكىنىدە ، دوللارنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان مۇھىتى ئاستىدا ، ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى تەسكە توختىشى مۇمكىن ، كۆز ئالدىمىزدا ئامېرىكىدىن سىرت ئىقتىساد ھالىتى ئاجىزلىشىۋاتقان ، زايوم پايدا نىسبىتى تۆۋەنلىگەن ، گرېتسىيە ۋە ياۋرو رايونى قەرز مەجبۇرىيىتى مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان ، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئالتۇنغا تىرەكلىك رول كۆرسىتىپ كەلگۈسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتمە بەردى . ئاۋسترالىيە يېڭى زېللاندىيە بانكىسى يەنە ، ئالتۇن باھاسى ئاۋۋال 1180 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈشى مۇمكىن ، بىراق بۇ ئەھۋال ئۇزۇن بارمايدۇ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈش نىشانى 1300 دوللار ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن.
    سەمىمىي ئەسكەرتىش

    مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.