ئالتۇن باھاسى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن

parida 2019-04-26 15:40:25

\


جۈمە كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان بىلۇمبېرگ مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن : ئالتۇن باھاسى قايتا تۆۋەنلەپ 1270 دوللاردىن چۈشۈپ كېتىشى، ئارقىدىن يەنە 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىكى 1251 ئامېرىكا دوللارلىق سەۋىيىگە يېقىنلىشىشى مۇمكىن. FXTM مەركىزىنىڭ تەھلىلچىسى Lukman Otunuga مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى بىرقانچە ھەپتىدە ئالتۇن باھاسى ئاساسەن ئامېرىكا دوللارنىڭ مۇقىم سەۋىيىدە ئۆسۈشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى توغرىسىدىكى ئەندىشىنىڭ پەسىيىشى ھەمدە پاي چېكى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بازارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا، بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ 1-پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقمىسا، ئالتۇن باھاسى قايتا ئۆسۈپ 1280 دوللارغا ھەتتا 1300 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1280 دوللاردىن ئېشىپ كېتەلمىسە، ئۇنداقتا تۆۋەنلەش يۆنىلىشى يەنىلا ئاساسلىق ئورۇننى ئېگىلەيدىكەن. ئالتۇن باھاسى 1280 ئامېرىكا دوللاردىن تۆۋەن نۇقتىدا داۋاملىق تەۋرىنىش قىلسا ۋە تۆۋەنلەش ھالىتىنى ساقلاپ، ھەتتا 1260 ئامېرىكا دوللارغا چۈشۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلايدىكەن. Oanda مەركىزىنىڭ بازار تەھلىچىسى Jeffrey Halley مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن باھاسى بىر تەرەپتىن جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تىرەش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا دوللار ۋە پاي چېكىنىڭ ئۆسۈش چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇخىل ئەھۋالدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن باھاسى يەنىلا تۆۋەنلەش ھالىتىنى ساقلايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.