بىرقىسىم ئالتۇننىڭ كېلىش مەنبەسى

ilkan_atigul 2019-04-25 16:49:09

\

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك تەھلىلىدىن بايقىلىشىچە، ھەر يىلى قىممىتى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالتۇن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارقىلىق ئافرىقىدىن ئەتكەسچىلىك قىلىنىدىكەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا ياۋروپا ، ئامېرىكا ۋە باشقا رايونلاردىكى بازارلارغا كىرىدىغان دەرۋازا.
تاموژنا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2016 - يىلى ئافرىقىدىن قىممىتى 15 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان ئالتۇننى ئىمپورت قىلغان بولۇپ، باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىن ئېشىپ كەتكەن، 2006 -يىلىدىكى 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان. ئومۇمىي ئېغىرلىقى 446 توننا بولۇپ ، 2006 - يىلىدىكى 67 توننىدىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇننىڭ ساپلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ.
كۆپ قىسىم ئالتۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئېكسپورت خاتىرىسىدە يوق. رېيتېر ئاگېنتلىقى زىيارەت قىلغان بەش نەپەر سودا ئىقتىسادشۇناسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۇرغۇن ئالتۇننىڭ ئافرىقىدىن ئەتكەسچىلىك قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەتكەسچىلەر بۇ ئالتۇننى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرگە باج تاپشۇرمىدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتى ۋە تەتقىقاتىدا قاراڭغۇ بازاردىكى ئالتۇن سودىسى تەكىتلەنگەن، بۇ كىشىلەر ئالتۇن قېزىشتا بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ چوڭ كارخانىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ھۆكۈمەت نازارەت قىلمىغان ئەھۋالدا ئالتۇن قازغان. ھېچكىم ئافرىقىدىن ئەتكەسچىلىك قىلغان ئالتۇننىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنىق سانىنى بېرەلمىدى، ئەمما رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلى كۆلەم جەھەتتىن مۆلچەرلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.