ئالتۇن توغرىسدا ئانالىزچىلار يەنىلا ئۈمىدۋارلىق پوزىتسىيەسىدە بولدى

parida 2019-04-25 15:53:15

\

4-ئاينىڭ 25-كۈنى پەيشەنبە كۈنى ، ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرىغا ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق بازارنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنى كۆزەتكەن، داڭلىق ئانالىزچىلار ئالتۇن باھاسى ھەققىدە مۇنداق ئانالىز مۆلچەرىنى يۈرگۈزدى: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئالتۇن باھاسى ئىزچىل بېسىمغا ئۇچرىغا بولسمۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، ئۆسۈم نىسبىتى كەلگۈسى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن بەلگىلىك تىرەش كۈچى رولىنى ئوينايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشنى توختىتىشى ۋە نىسبەتەن تۆۋەن ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە يۇقىرىلاش ئېھتىماللىقى يەنىلا يۇقىرى، مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەمەلىي تىرەش كۈچى بولغان ETF ئالتۇن زاپسىمۇ 70 مىليۇن ئۇنسىيەلىك تارىخىي يۇقىرى نۇقتىدا تۇرماقتا، بۇ ھالقىلىق بازاردىكى ئالتۇن ئېھتىياجىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.