ئالتۇن زادى نېمە سەۋەبتىن ئۆرلىدى؟

parida 2019-04-25 12:09:48

\


گەرچە چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دوللىرى چوڭ دائىرىدە يۇقىرىغا ئۆرلىگەن بولسىمۇ، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى شۇ كۈنى ئالتۇن باھاسىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىغا قارا پ ئۆرلىگەن. بۇ بازاردىكى زاتلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتقان.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتىلىقىنىڭ ماقالىسىدا، كانادانىڭ قەرز پايدا نىسبىتى ئەگىرى سىزىقىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشگە قاراپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، بۇ ئالتۇن قەرەرلىك مېلىنىڭ 4ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىن يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈن قوشماسلىققا مايىل بولۇشى ، ئاخرىدا قەرز پايدا نىسبىتىنىڭ قىسىقا سىزىقىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان، بۇ بىر قىسىم ئىقتىساد شۇناسلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشغا بولغان سېگىنالىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

نەق مال ئالتۇن چارشەنبە كۈنى يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەپ 1275.10ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان، ئامېرىكا بازىرىنىڭ ئوتتۇرىدا بولشا تېخىمۇ يۇقىرلاپ 1278.40ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان.

BMO Capital Marketsنىڭ ئاساسى ۋە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ سودا باشقۇرغۇچىسى Tai Wong مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن، چارشەنبە كۈندىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش مايىللىقى بولسا كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم قوشماسلىق تەرەپتە تۇرغانلىقى سەۋەب بولغان . ئۇنڭىدىن باشقا يەنە بازاردىكى زاتلار ، ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قېلىشىمۇ ، ئوخشاشلا ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.