ئالتۇن باھاسى 9ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى

zumrat 2019-02-01 18:26:21

\

بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قارارىدا ئۆسۈم قوشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغاندىن كېيىن دوللار ئۆسۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى، ئالتۇن كۈمۈش باھاسى بولسا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ئۆرلىگەن، ئالتۇن باھاسى 9ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسىتىپ 1326دوللار ئەتراپىغىچە چىققان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈمۈش باھاسى 16دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۈگۈن بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى، بۇ سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى بازارغا چوڭراق تەۋرىنىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئورگان تەھلىلچىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن باھاسى بۇ يىل 5-ئايدا ياكى 6-ئاي ئەتراپىدا چوڭ دائىرلىك يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن، ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەشتىكى توسالغۇ نۇقتىسى 1325دوللار، تۆۋەن يۆنىلىشىتىكى چوڭ تىرەش نۇقتا 1200دوللار بولۇپ، كەلگۈسى 23-ئاي ئىچىدە 1200دوللاردىكى باھاغا چۈشۈپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەڭ ئاۋال دىققەت قىلىدىغان نۇقتا 1240دوللار دەپ مۆلچەرلىگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.