چاۋشيەننىڭ قارارىدىن كېيىن ئالتۇن باھاسى چۈشۈشتىن ۋاقتىنچە توختىدى

parida 2018-05-18 14:44:08

\

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىندا چاۋشيەنگە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشىنى بىرخىل ھەربىي ئېغۋاگەرچىلىك دەپ قاراپ، 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمال-جەنۇب يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت يىغىنىنى بىكار قىلغان.
چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ۋەتەننى تىنىچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى شەنچۈەن شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: شىمال-جەنۇب يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت يىغىنىنى توختىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئەھۋال ھەل قىلىنمىسا، كورىيە بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىشىمىزمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇندىن كېيىن شىمال-جەنۇبنىڭ مۇناسىۋىتى كورىيەنىڭ ئىپادىسىگە باغلىق. لى شەنچۈەن مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: چاۋشيەن 5-ئاينىڭ 16-كۈنى كورىيەگە مەسئۇل بولۇش تەدبىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. چاۋشيەن شىمال-جەنۇب يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت يىغىنىنى قەرەلسىز كەينىگە سۈرىدۇ ھەمدە چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق بۇ توغرىسىدا ئەھۋاللارنى ئاشكارىلايدۇ. چاۋشيەننىڭ كورىيە-چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت يىغىنىنى كېچىكتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بازارنىڭ خەۋپ-خەتەر كەيپىياتىنى كۈچەيتتى، نەتىجىدە ئالتۇننىڭ چۈشۈشى ۋاقتىنچە تىزگىنلەندى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.