ئالتۇن باھاسى ئۈسۈپ راسلا 1600دوللاردىكى باھالارغا چىقالامدۇ؟

ilkan_atigul 2018-05-17 15:57:27

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:كانادا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرىGoldcorp Inc ،شىركەت رەئىسى Ian Telfer چارشەنبە(5-ئاينىڭ16-كۈنى) ئاساسلىق بارلىق ئالتۇن كان ھەممىسى تېپىلدى ،ئالتۇن كان مەھسۇلات پەقەت يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.Teflerبولسا Financial Postنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ھازىر ئاللىقاچان « ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى » .40 يىلدىن بۇيان كان قېزىشتىن چىققان ئالتۇن ئىزچىل مۇقىم ئاشتى.بىراق، بۇ يىل ياكى( كېلەر يىلى )ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەشكە باشلىدى ، ياكى ئاللىقاچان تۆۋەنلىدى .

Telfer نىڭ سۆزى بۇيىچە،مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئۆرلەپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.Ian Telfer ئاللىقاچان كانچىلىق ساھەسى ئۈچۈن 30 نەچچە يىللىق ۋاقتىنى سەرپ قىلغان . گەرچە ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ 1300دوللاردىكى تىرەكنى بۇزۇۋەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن Telfer يەنىلا ئالتۇن باھاسى ئۆرلەيدۇ دەپ قارايدۇ.

Telfer يەنە مۇنداق دېدى :مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ، ئالتۇن باھاسى تېز ئۆرلەپ 1500دوللار ياكى 1600دوللار ئەتراپىغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.



ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.